باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدىن موناكوغا بېرىپ، موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2019.03.25 16:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدىن موناكوغا بېرىپ، موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ نىسقا يېتىپ بېرىپ، ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ موناكوغا بېرىپ، موناكو كىنەزلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 12دە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان نىس ئايرودرومىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن موناكونىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى سېرگ تېللى، موناكو تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ۋەزىرى تونېللىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې درىيان ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزىل پايانداز بويلاپ ئىلگىرىلىدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە موناكودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەي جۈنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن موناكوغا بارغان بولۇپ، موناكودىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە نىستا فىرانىسيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر