خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- مارت موناكو شاھزادىسى ئالبېرت Ⅱ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاھزادە ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موناكو كىنەزلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ، جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم موناكودا زىيارەتتە بولۇشى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاش مىللىي خاراكتېرى ۋە ئورتاق مەنىۋىي ئىستىكى بىزنى ئىناق-ئىجىل قىلدى. جۇڭگو بىلەن موناكو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر سەمىمىي، دوستانە بولۇپ، بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەكتە، بولۇپمۇ مۇھىت ئاسراش، تېلېگراف، كۆچمە چىقىم قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتى يەر كۆلىمى، تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاھزادە ئالىيلىرى ئىككىمىز يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ئەنئەنىۋىي دوستلۇق ۋە سىياسىي ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىپ ماسلىشىش ۋە بىر-بىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى لازىم؛ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موناكونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شاھزادە فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگودا مۇھىت ئاسراش پاراۋانلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى