باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ

2019.03.26 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا، «تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلىدۇ: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سۇغۇرتا تۈرىنى ساقلاپ قېلىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئومۇمىي ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇغۇرتىغا ماس قەدەملىك تىزىملاش، فوندىنى بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش، ھەق يىغىش، تاپشۇرۇش باشقۇرۇش بىردەك بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىردەك بولۇش، بېجىرىش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىككى خىل سۇغۇرتا فوندى ۋە باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، فوندىنىڭ ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان، سۇغۇرتا باشقۇرۇش بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرىدىغان، ئىككى خىل سۇغۇرتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماس قەدەمدە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر سۇغۇرتىلاش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئىككىنچى، فوندىنى يىغىپ تاپشۇرۇش ۋە باشقۇرۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىغا قوشۇۋېتىلىپ، بىر تۇتاش يىغىپ تاپشۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش غەملەش قاتلىمى بىردەك بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتناشقان تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ يىغىندىسىغا ئاساسەن يېڭى بىرلىك ھەق نىسبىتى بېكىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. ئىككى تۈرلۈك سۇغۇرتا بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش تۈرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى دائىرىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. تۇغۇت داۋالىنىش ھەققىنى پىرىنسىپ بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار بىلەن نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ. تۇغۇت داۋالىنىش مۇلازىمىتى قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ۋە تەسىقلاش كۈچەيتىلىدۇ. تۆتىنچى، بېجىرىش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. بېجىرىش، باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار مەسئۇل بولۇپ، ئۇچۇر سىستېمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بويىچە يۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بەشىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدىكى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى، تۇغۇت ياردەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىپ، كېرەكلىك مەبلەغ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئالتىنچى، تۈزۈمنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. جايلار فوندىنىڭ بىرتۇتاش ياردەم بېرىش ئىقتىدارى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە تۈزۈم كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمىنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش كۆرسەتكۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى چىقىمى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەق نىسبىتىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ جايدىكى تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ پەرقى، فوندىنىڭ چىقىم قىلىش ئىقتىدارى، تەمىنات كاپالىتى سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار تەمىناتىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، فوند كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى، مۇقىم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، غەملىگۈچى رايونلارنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىككى تۈرلۈك سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر