- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى دوكلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى _
پۈتكۈل يەر شارى ئېنېرگىيەسىنىڭ سىجىلچانلىق بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىشى توختاپ قالدى
2019.03.27 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 25- مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، گەرچە يەر شارى مىقياسىدا ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك زىممىسىگە ئالالايدىغان يۆنىلىشكە ۋە تېخىمۇ سىجىلچانلىق يۆنىلىشىگە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسى توختاپ قالغان.
دوكلاتتا، «ئېنېرگىيەدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىش كۆرسەتكۈچى»دىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، دۇنيادىكى 115 ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى باھالاندى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014- يىلىدىن بۇيان، يەر شارى مىقياسىدا گەرچە بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنېرگىيەنىڭ يۈكى تۆۋەنلەپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىت سىجىللىقىمۇ ياخشىلانمىغان.
دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى سىجىل ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشتەك ئۆزگىرىشلەر بولغاچقا، ئاسىيا يەنە كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىدە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم رايون بولۇپ قالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر