باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتلەشتى

2019.03.26 16:44   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىس–ئالىملار، ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  داملېر پاي شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى چارس، IBM شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى رومېتتىي، BMW گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى كىرۇگ، پفىزىر شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېببلىر، رىيو تىنتو گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەككۈۋەس قاتارلىق ئاپپارات مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا لى كېچياڭدىن سوئال سورىدى. لى كېچياڭ سوئاللارغا بىرمۇبىر جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. يېڭى چېكىنىش بېسىمى ئالدىدا، بىز داۋاملىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، قىزىل رەقەمنى كېڭەيتىش، پۇل ئىشلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە تايانماستىن بەلكى بازارنى چۆرىدەپ ئىش قىلىش، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشقا تايىنىپ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتساق، چوقۇم تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلغۇزالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر