باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ قارىدى :

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى

2019.03.27 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى پاتروشېف 25- چېسلا مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى خەلقئارانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالدى .

  پاتروشېف شۇ كۈنى رۇسىيە «خەۋەر گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەتلەردە «رەڭ ئىنقىلابى» يۈز بېرىشنى قوزغاش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، غەرب دۆلەتلىرى باشقا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا «ماھىر» بولدى، بۇ ئۇسۇللار خەلقئارانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى.

  پاتروشېف مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «رەڭ ئىنقىلابى»نىڭ بىر ئورتاقلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ، غەرب ئەللىرى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆكتىچىلەرنى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇترىتىپ، غەرب ھۆكۈمرانلىقىدىكى قورچاق ھاكىمىيەتنى تەختكە چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل سىياسىي ئۆزگىرىش ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادنىڭ گۇمران بولۇشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر