خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-مارت پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.شى جىنپىڭ ماكرون، مېركىل، جۇنكېرلار بىلەن قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە يېپىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا بىرلىكتە كىردى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللاش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە كەڭ سىياسىي ئورتاق تونۇش ۋە مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە. جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، بارارۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى