- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىر كۈندە ئىككى قېتىم بالتىق دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن بىللە ئۇچتى
2019.03.26 15:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ-27 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆتكەن بىر كۈن ئىچىدە بالتىق دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ B-52H ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن ئىككى قېتىم بىللە ئۇچتى. ئۇچۇردا بۇ ئىش يۈز بەرگەن كونكىرت ۋاقىت ئېنىق كۆرسىتىلمىدى.
ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى: 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بالتىق دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا 7 قېتىم ئۇچتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر