باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

2019.03.26 14:58   مەنبە: خەلق تورى

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، غەززە شەھىرىدىكى ئىمارەتلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوت كەتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ 25-مارت كەچتىن باشلاپ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، شۇ كۈنى ئەتتىگەندە تېل ئاۋىۋ شەھىرى ئەتراپىنىڭ راكېتا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئۆچ ئالدى.

  ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېل ئاۋىۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپى شۇ كۈنى غەززە رايونىدىن كەلگەن بىر راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم يارىلانغان. بۇ ھەرىكەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ سىياسىي بىيۇرو رەھبىرى خانىيەنىڭ ئىشخانا بىناسى، خاماس ئاخبارات ئورگىنى بىناسى ۋە خاماس ئىچكى ئىشلار مىنىسترلىقى بىناسى قاتارلىقلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان.

  ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىش پەقەتلا بىر باشلىنىش بولۇپ، ئىسرائىلىيە تەرەپ غەززە رايونىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 25-مارت كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىنى دەرھال توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ، بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان تېل ئاۋىۋنىڭ ئىككىنچى قېتىم راكېتا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى. مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى تېل ئاۋىۋ ئىككى دانە راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، تالاپەت كۆرۈلمىدى. ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى 100دىن ئارتۇق نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر