3- ئاينىڭ 25- كۈنى، «2019- يىللىق جۇڭگو ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلىش يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئېنېرگىيە مۇنبىرى ۋە جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «2019- يىللىق جۇڭگو ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلىش يىغىنى شۇ كۈنى رىيادتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە جۇڭگو ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى قاپلىغان تەرەققىيات تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى