باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2019.03.26 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە شەرق بىلەن غەربتىن ئىبارەت ئىككى قەدىمىي ھەم ئۆزگىچە مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز ئارا جەلپ قىلىپ، ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

  يۈز يىل بۇرۇن، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن تۈركۈملىگەن جۇڭگولۇق ياشلار فىرانسىيەگە بېرىپ تېرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇپ، فىرانسىيەدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىن جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى بولغان جۇ ئېنلەي، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىقلار بار. فىرانسىيەنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئىتى جۇڭگوغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن، «تويىنىزم قەسىدىلىرى»، «مۇھاكىمە ۋە بايان» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن فىرانسىيەلىككە بەك تونۇش.

  55 يىل بۇرۇن، شەرق بىلەن غەرب سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ھەققىدىكى تارىخىي ھەل قىلغۇچ قارارنى چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە، جۇڭگو بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن تارتىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى-دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىر ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن غەربتىكى ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  بەش يىل بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. لىئوندا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-فىرانسىيە مائارىپ ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولغان جۇڭگو-فىرانسىيە داشۆسىنىڭ كونا ئورنى ھەم فىرانسىيەنىڭ زامانىۋىلاشقان داۋالاش، دورا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مېرىئېر بىيو پەن تەتقىقات مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى؛ پارىژدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، كەڭ تارىخىي نەزەر بىلەن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تۆت نۇقتىلىق روھىنى يىغىنچاقلىدى ھەم جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە بەشتە چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى چاغدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى دېدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-فىرانسىيە ھەمكارلىقى ھەر قايسى ساھەلەردە تېز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. جۇڭگو-فىرانسىيە رەھبەرلىرى نۇرغۇن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە سەھنىلىرىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئەمەلىي ھەمكارلىق جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە نۇرغۇن زور تۈرلەردە ھەمكارلاشتى. مەسىلەن: تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئەنگلىيە خىنكلېي تۇمشۇقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، جۇڭگو-فىرانسىيە دېڭىز-ئوكيان سۈنئىي ھەمراھى، ئايروباس تيەنجىن A330 تۈرىنى تاماملاش ۋە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو-فىرانسىيە 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تايىنىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ كونكرېت تۈر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  ئىككى دۆلەت يەرلىكلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى مىسلىسىز جانلىنىپ، دوست ئۆلكە، رايون، شەھەرلەر يۈز جۈپتىن ئاشتى. 2018-يىلى، جۇڭگودىن فىرانسىيەگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ سانى ئىككى مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى. جۇڭگودىن فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ 2020-يىلى 50 مىڭغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار، شۇ چاغدا، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار فىرانسىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچىلار توپىغا ئايلىنىدۇ. فىرانسىيەدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىمۇ ئون مىڭدىن ئاشتى، يۈز مىڭدىن ئارتۇق فىرانسىيەلىك ئوقۇغۇچى خەنزۇ تىلى ئۆگەنمەكتە.

  مەدەنىيەت تەنتەربىيە جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. ئۇندىن باشقا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، سىجىل تەرەققىيات، يېشىل پۇل مۇئامىلە، «ياشانغانلار ئىقتىسادى» قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقى جەھەتتە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  2015-يىلى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى ھاسىل قىلىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولدى. ئارقىدىن، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. 2018-يىلى «جۇڭگو-فرانسىيە مۇھىت يىلى» پائالىيىتى باشلاندى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو-فرانسىيە قوشۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» ئەندىزىسى بويىچە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە، ئۇنىڭدىن زىچ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتىشقىچە، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى.

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ھەمدە جۇڭگو، ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ياۋروپا بىلەن ئاسىيا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىقنى 21-ئەسىردىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، زىچ، ئۇزۇن مۇددەتلىك جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىمىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر