باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.03.27 10:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، ئېتىزلارنى ئارىلاپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، باغچە رايونلىرىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتا يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئورۇنداپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» قاتتىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ باشلامچى كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ كۈچەپ «باشلامچى كارخانا + بازا + نامرات ئائىلە» قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي ھالدا كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ سۈپەتلىك ماركا ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، كۈچەپ ئىنچىكە باشقۇرۇش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، كۈچەپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقان بىر تۈركۈم يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى «بار بولۇش»تىن «ياخشى بولۇش»قا چوڭقۇر ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، يامان سۈپەتلىك رىقابەتتىن ساقلىنىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەرتىپلىك ھالدا 2-، 3- كەسىپلەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يانداش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقاندىن زامانىۋى سانائەت ئىشچىسىغا ئۆزگىرىشىگە ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك؛ باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاممىنى داۋاملىق يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ، توك، يول، گاز، تور قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى سەپلەشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارغا ياردەم بېرىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆچەلەيدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرىدىغان بولۇش، قىلىدىغان ئىشى بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر