باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېينىڭ پارار ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى

2019.03.27 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 26-مارت مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار لۇ ۋېينىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 3 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى؛ لۇ ۋېي پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مال ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پايدىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. لۇ ۋېي سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار لۇ ۋېي 2002-يىلىدىن 2007- يىلىغىچە شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن قولايلىق، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تور باشقۇرۇش، كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ، يۇقىرىقى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 32 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، تەلەپ قىلغان.

  نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار لۇ ۋېينىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. لۇ ۋېي تۇتۇلغاندىن كېيىن، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار تېخى ئىگىلىمىگەن قىسمەن پارا ئېلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلغان، ھارامنى ئاكتىپ قايتۇرغان، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ كۆپ قىسمى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە ئۇيغۇن بولغاچقا، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىدۇ. سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر