- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چېگرىدىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى كېلەر ئايدىن باشلاپ «مەملىكەت دائىرىسىدىكى باشقا جايدا بېجىرىش»كە بولىدۇ
2019.03.27 15:12 مەنبە: خەلق تورى
باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىش بىلەن نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدا ئىلتىماس قىلىشنىڭ رەسمىيىتى ئوخشاش بولىدۇ؛ نوپۇسى بېيجىڭدا بولمىغان ئاھالىلەر بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بولمىسىمۇ، بېيجىڭدا پاسپورت بېجىرسە بولىدۇ
●
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېجىرگىلى بولىدۇ
ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەر مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدىكى خالىغان بىر جايدىكى چېگرىدىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش كۆزنىكىدە چېگرىدىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس ماتېرىيالى نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ
●ئىچكىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بىجىرەلەيدۇ
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي دېگەندەك شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىچكىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا جايدا چېگرىدىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ
●چەت ئەلگە چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە بولىدۇ
ئادەتتىكى پاسپورتلار، شياڭگاڭ ئاۋمېنغا بېرىش-كېلىش يول خېتى، تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش يول خېتى قاتارلىقلارنى باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر