باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا 25 خىل دورىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %52 چۈشۈرۈلدى

2019.03.27 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى «بېيجىڭ شەھىرى دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر لايىھە بويىچە، مۇشۇ شەھەر دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىسى ۋە يانداش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، سېتىۋېلىش ۋاقتى بىر يىلغا بېكىتىلدى. بۇ، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ 25 خىل تاللانغان دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

  25 خىل دورا ئىچىدە، بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن تەقلىدىي دورىلاردىن 22 خىل، ئەسلىي تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورىلاردىن ئۈچ خىل بار بولۇپ، تاللانغان دورىلار باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى%52كە يەتكەن، ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ كەتكەن. شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم تەقسىم قىلىنغان سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى بويىچە سەپلەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىش جەريانىدا تاللىغان دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى ماسلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باھاسى تاللانغان دورىلارنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولغان ئورتاق نام بىلەن تاللانمىغان دورىلارغا نىسبەتەن، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىي يۈكىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئومۇمىي سومما خام چوتى ئاساسىدا، رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاللانغان دورىلارنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، بىمارلارنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر