باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەيۋەنگە چېتىشلىق ئىشلاردا مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى

2019.03.27 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن .

  سوئال: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ۋېلبېر» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ «بوسوف» ناملىق پاراخوتى 24- چېسلا تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  جاۋاب: بىز ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىمىز، ئالاقىدار يۈزلىنىشنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر يادرولۇق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بىز ئامېرىكىدىن بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئازادلىق ئارمىيە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھۇشيار بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر