باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‏‎【‎بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ‏ئىنتىلگۈچىلەر‎】‎ غۇلجا شەھىرى: ئاچا-سىڭىللار ئۆزلىرىنىڭ ئاسمىنىنى «سىزدى»

2019.03.27 10:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ ليۇ (سولدا) كۇرسانت بىلەن رەڭ بېرىش ماھارىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخۇا خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە، نۇرغۇن كىشى ياڭ خۇي ئاچقان «يىيەن» رەسىمخانىسى ۋە سىڭلىسى ياڭ ليۇ ئاچقان «يىيەن» رەسىم سالونىنى بىلىدۇ، ئاچا-سىڭىلنىڭ بىرى سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىسە، يەنە بىرى ماي بوياق رەسىم سىزىش ئاساسى يوق ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىغا تايىنىپ، ئۆزىگە تەۋە تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى ياراتتى.

  2-ئاينىڭ 25-كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ شەندۇڭ يولىغا جايلاشقان «يىيەن» رەسىم سالونىدا، ياڭ ليۇ بىر تەرەپتىن بايىلا كەلگەن كۇرسانتقا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان ماي بوياق رەسىم ئۈلگىسىنى تاللىغاچ، بىر تەرەپتىن يەنە بىر كۇرسانت بىلەن رەڭ بېرىشتىكى تەسىراتلىرىنى دېيىشتى.

  رەسىم سالونىنىڭ تاملىرىغا نۇرغۇن ماي بوياق ئەسىرى ئېسىلغان، شىر، پىل، يۇلتۇزلۇق ئاسمان، قەلئە، كەچكى شەپەق...... ئوخشاشمىغان مەزمۇندىكى رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق رەڭلىك بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ بىزەكلىك رولى بار. ياڭ ليۇ تونۇشتۇرۇپ: بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇرسانتلارنىڭ ئەسەرلىرى، دېدى. نۇرغۇن كۇرسانت ئۇ دۇكان ئاچقان ۋاقىتتىلا كەلگەن، بىر نەچچە يىل ئۇدا داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، رەسىملەرنى ئىنتايىن ياخشى سىزىدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشتە، قانچىلىك ياخشى رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمەيدۇ، ئاساسلىقى تىنچ رەسىم سىزىش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. بارا-بارا، نۇرغۇن كىشى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىپ، بۇ يەرگە كېلىپ بىر تەرەپتىن رەسىم سىزغاچ، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، چاي ئىچىپ، مۇزىكا ئاڭلايدۇ. رەسىم سالونى ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئارام ئالدۇرىغان ئىللىق ماكانىغا ئايلاندى.

  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ياڭ ليۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس. ئۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تېببىي تەكشۈرۈش كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ئاق خالات كىيىپ، دوختۇرخانىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلغان. كىچىكىدىنلا ئاچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، رەسىم سىزىشنى ئىزچىل ياخشى كۆرەتتى. ئاچىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ، ئۇمۇ بارغانسېرى ياخشى سىزىدىغان بولدى.

  2012-يىلى، ياڭ ليۇ كەسكىنلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، رەسىم سالونى ئاچتى. رەسىم سالونى دەسلەپتە رەسىم سىزىش ماتېرىياللىرىنى سېتىشنى ئاساس قىلىپ، 3 يىل ئىلگىرى ئاندىن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ نۆل ئاساستىن باشلانغان ماي بوياق رەسىم سىزىش كۇرسى ئېچىلدى.

  «نۇرغۇن كىشى دەسلەپتە نۆل ئاساستا قانداق قىلىپ ماي بوياق رەسىم سىزغىلى بولىدۇ، دەپ ئىنتايىن گۇمان قىلدى. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەسىلەن، رەسىم سىزىش تاختىسىغا توققۇز كاتەك سىزىپ، سىزماقچى بولغان رەسىمنى قېرىنداش قەلەم بىلەن تەخمىنەن تەسۋىرىنى سىزىۋېلىپ، ئاندىن رەڭ تەڭشىسە، رەڭ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر يەنە قىيىن ھېس قىلسا، توققۇز كاتەك ئىچىگە يەنە توققۇز كاتەك سىزىپ، بىر ئەسەرنى ئىنچىكە بۆلۈش ئارقىلىق، تەبىئىيلا ئاساسىي تەسۋىر ۋە رەڭ بېرىش ماھارەتلىرىنى ئاسانلا ئىگىلىگىلى بولىدۇ»، دېدى ياڭ ليۇ، نۆل ئاساستا ماي بوياق رەسىم سىزىش دەرسلىكى ئاساسلىقى تەقلىد قىلىشقا قارىتىلغان، چۈنكى ئۆگىنىش بىر قەدەر ئاسان، كۆپ قىسىم كىشىلەر تېخى ئەركىن ئىجادىيەت قىلالمايدۇ.

  ياخشى كۆرىدىغان رەسىم ئەسىرىنى ئانچە پەرقلەندۈرمەي تەقلىد قىلىپ سىزالىسا، نۇرغۇن كىشى مەمنۇن بولىدۇ.

  كۇرسانت ۋېي خۇي بۇ يەردە بىر يىلدىن كۆپ ئۆگەندى، ئادەتتە خىزمىتى جىددىي، بېسىم ئېغىر بولۇپ، نۆل ئاساستا ماي بوياق رەسىم سىزىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۇ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بېسىم يەڭگىللىتىش ئۇسۇلىنى تېپىۋېلىپ، ۋاقتى چىقسىلا كېلىپ رەسىم سىزدى. ئۇ 4 پارچە رەسىم سىزىپ بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەڭ رازى بولىدىغىنى بىر پارچە فىلامىنگو قۇشىنىڭ رەسىمى بولۇپ، ئۆيىگە ئېسىپ مېھمانلارغا خالىغانچە ماختىنالايدۇ.

  ياڭ خۇي كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ماي بوياق رەسىم كەسپىدە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىدى ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر مەۋسۇم ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەركىن جارىي قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئىستېپا بېرىپ، سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

  غۇلجا شەھىرىدە مۇنتىزىم سالاھىيەتكە ئىگە سەنئەت ئىمتىھانى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى كۆپ ئەمەس، ياڭ خۇي بۇلارنىڭ ئىچىدە. 11 يىللىق تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ياڭ خۇي تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن جىلىن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى، سىچۈەن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىق مەملىكەتتىكى توققۇز چوڭ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىگە ئۆتكەنلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.

  بۇ يىل، ياڭ خۇي سىڭلىسى بىلەن بىللە گۈزەل سەنئەت ئۇنىۋېرسال كۇرسى ئېچىشنى پىلانلىدى، ھازىر، 400 كۋادىرات مېتىرلىق يېڭى دۇكاننى بېزەۋاتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار سەنئەت تۈرىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە نۆل ئاساستىكىلەرگە ماي بوياق رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە جۇڭگوچە رەسىم، خەتتاتلىق، قەغەز قىيما، قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى ياساش، ياغاچچىلىق قاتارلىق گۈزەل سەنئەت بىلەن ئالاقىدار دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىدۇ.

  رەسىم سىزىش ماھارىتى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ياڭ خۇي ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىدۇ، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى، سىچۈەن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەن قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇ سىڭلىسى بىلەن بىللە، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىققا تايىنىپ، ئۇلارغا تەۋە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت سىزىپ، ئارزۇ قىلغىنىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر