باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا بىر تەكلىپ، 30 تەۋسىيە تاپشۇردى

2019.03.27 10:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: بېيجىڭدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا بىر تەكلىپ، 30 تەۋسىيە تاپشۇردى.

  بۇ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ۋەكىللەر چوڭقۇر زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇملۇقى ۋە خەلق ئاممىسى ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ۋەكىل فاتىمە ئېلېكتىرونلۇق دەۋا قانۇنىنى تېزدىن تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ مۇنداق قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېلېكتىرونلۇق دەۋانى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېلولارنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە دېلولارنى قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، قانۇن يۈرگۈزۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، لېكىن، ئېلېكتىرونلۇق دەۋانىڭ قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسى ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇكەممەللىشىشىنى چەكلەيدىغان بوغما ھالەتكە ئايلاندى. فاتىمە دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق دەۋا قانۇنى تۈزۈش تەكلىپى بەردى.

  تاپشۇرۇلغان 30 تەۋسىيە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ شىنجاڭدىكى تۆمۈريوللارنى «تېزلىتىش، ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش» تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت پائالىيىتىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ داۋالاش، مائارىپ بويىچە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە؛ بىڭتۇەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە قاتارلىقلار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر قاتار ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بىراق قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش مەسىلىسىگە يەنىلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: پەرقلىق تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى تۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلسا. شىنجاڭنىڭ بوستانلىق رايونىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تىپىدىكى قۇم كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، يېشىل ئېكولوگىيە كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىنسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى دەلىللەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يول تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى يېتەرلىك ئەمەس، يول تورىنىڭ زىچلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن. ۋەكىل غانىبات سابۇكەي مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتىنى بالدۇرراق قانات يايدۇرۇپ، بۇرۇنراق ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرسە؛ لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى 2- قوش لىنىيەسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ۋاقىت، ماكان ئارىلىقى قىسقارتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېز سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلسە.

  ئۈرۈمچى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر. ۋەكىل ياسىن سىدىق مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى باشلامچى بولۇپ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرسا ھەم ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش جەھەتتە ئالاقىدار سىياسەت مەدىتى بېرىپ، دۆلەت دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلسا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر