باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتى ــــ

ئىتتىپاقلىق ئەڭ گۈزەل مېلودىيە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

2019.03.26 18:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  − شى جىنپىڭ

  بۇ بىرنەچچە كۈندە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە، توختىخان قۇرباننىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان قوشنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قوشنىلارنىڭ دائىم سورايدىغان بىر جۈملە سۆزى: «رۇقىيەم بېيجىڭغا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشقا كېتىپتۇ، تېلېۋىزوردا ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ تېلېفون قىلدىمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

  توختىخان بىلەن كىچىك كېلىنى زەينەپخان مەتتوختى بىر تەرەپتىن، قوشنىلىرىنى قىزغىن كۈتسە، بىر تەرەپتىن، رۇقىيەمنىڭ تېلېفون قىلغانلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  توختىخاننىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئىككى «ئەڭگۈشتەر» ئېسىلغانىدى: بىرى، ماۋ جۇشىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى سۈرەت، يەنە بىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يازغان جاۋاب خېتى ئىدى. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ مەزمۇنىنى توختىخان ئائىلىسىدىكىلەرلا ئەمەس، كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى قەلبىدە چىڭ ساقلىغانىدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە تاپشۇرغىنىدەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلماقتا.

  ■كەنتتىكى ئۈلگىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

  «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزىل گېنىمۇ پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە».

  ياخشى ئائىلە ئىستىلى سەمىمىي پۇقرا ئىستىلىغا تۈرتكە بولىدۇ، مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «دادام بىزگە مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. يەنە ئەمگەك ئەڭ قىممەتلىك، ئۇ ئادەمنى بەختكە باشلايدۇ، دەيتتى... مەن بالىلىرىمغىمۇ مۇشۇنداق تەربىيە قىلدىم.» توختىخان موماينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يەتتە پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى كادىر، تۆتى كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەن، نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىكەن.

  2016- يىلىنىڭ ئاخىرى، توختىخان رۇقىيەمگە ھاۋالە قىلىپ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باش شۇجىغا يۇرتىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە توختىخاننى ماختاپ: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلار ۋە يۇرتداشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭىز» دېدى. بۇنىڭدىن توختىخان ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن ھاياجانلاندى، زور ئىلھام ئالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى جاۋاب خەتنى رامكىغا ئېلىپ، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇپ، كۈندە كۆرۈپ تۇردى، نەچچە رەت ئوقۇدى.

  «ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز، توختىخاننىڭ ئۆيىگە ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كېلىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بەزىدە كەنت پارتىيە ئەزالىرى پائالىيىتىنىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدى. پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزىل گېنى توختىخاننىڭ ئۆيىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋام قىلماقتا، شۇنداقلا پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە» دېدى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز تۇرۇپ.

  178لا ئائىلە بار ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈلگىلەر خېلى كۆپ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيەنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى بەرپا قىلىشقا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن توختىخان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن باشقا، يەنە شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن مەڭلەشخان مەتسىدىق، بېيىش باشلامچىلىرى ئابدۇرېشىت قادىر، ئابدۇجېلىل مەمەت قاتارلىقلار بار.

  مەڭلەشخان توختىخاننىڭ قوشنىسى، ئۇ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسى بويىچە كىيىم - كېچەك، كەشتە، ئاسما گىلەم قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە 100دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغىچە تەشۋىق قىلىپ بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىن، ئۇ دائىم توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا قاتناشتى.

  «مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئىلگىرى بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان. باش شۇجىنىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يازغان جاۋاب خېتى بىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى. مەن دائىم ئىشچىلارغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدىم، ئۇلارنى ئاياللارنىڭ <يېرىم دۇنيا>لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇم» دېدى مەڭلەشخان.

  ■مىننەتدارلىق ھېسسىياتى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

  «بىزنىڭ قەلبىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان».

  مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقاندا، قۇدرەتلىك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  بۇ يىل يىل بېشىدا، كەنت ئاھالىسى ئوغالخان مەمەتنۇر شەنبە بازار بازىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتىلدۈرۈش باغچىسىدا خىزمەت تاپتى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھەر ئايدا كىرىمىم بار، ئائىلەم بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان بولدى».

  كەنتتىكى 33 ياش بازاردىكى يېتىلدۈرۈش باغچىسىدا خىزمەت قىلدى، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش، بىر تەرەپتىن تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئۇلار تۇنجى ئايدىلا ئىش ھەققى ئالدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، 50 نامرات ئائىلىنىڭ ھەربىرىنىڭ بىردىن ئالا ئىنىكى بۇ يەردە ھاۋالىلىك بېقىلدى، يەنە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. كەنتتە يەنە كەپتەر بېقىش كەسپى، باش پىياز كەسپى، كەشتە تىكىش كەسپى... بار.

  ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى خەن يۈباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى. بۇ ئىككى يىلدا، ياشلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش، ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئېشىپ، بىر ئائىلىدە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشتى.

  ئىشلەيدىغانلار كۆپ بولغاچقا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، كېرىيە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت دەرىجىلىك دېھقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئىشلەيدىغان دېھقانلارنى ماھارەت ۋە قانۇن - نىزام بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىقلارغا تەشكىللىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەندىزە پۈتۈن ناھىيەدىكى 25 ئېغىر نامرات كەنتكە تارقالدى.

  «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئامما ياخشى كۈن كەچۈرەلمەسلىكتىن غەم قىلمايدۇ. مەن بېيجىڭغا بېرىپ باققان، بېيجىڭ ھەقىقەتەن يىراق، ئەمما بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۇق، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، شۇڭا بىزنىڭ قەلبىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان، دەپ ھېس قىلىمەن» دېدى ئابدۇجېلىل.

  بۇ بىرقانچە كۈندە، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى بىلىدىغان ئابدۇجېلىل شاگىرتلىرىنى باشلاپ، كەنت كومىتېتىغا ياردەملىشىپ 60 يۈرۈش ئۈستەل - ئورۇندۇق ياسىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانلار كەچلىك كۇرسىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، خىزمەت ئەترىتى دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزى ئۈچۈن يېقىندىلا يېڭىدىن بىر ئورۇن بىكارلاپ بەرگەن بولۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئۈستەل - ئورۇندۇققا ئېھتىياجلىق ئىدى، ئۆزۈمنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالالىغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.

  ■مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق - چۈششەك تەرەپلىرىگىچە سىڭدى

  «مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم».

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، مەڭلەشخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ياڭگىر ئۇسسۇلى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى قاتارلىق ئويۇن قويۇش كىيىملىرىنى زاكاز قىلىدىغان ياكى ئىجارىگە ئالىدىغان ئورۇنلار ئۈزۈلمىدى. مەڭلەشخان بۇ ئىككى يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغانلىقىنى روشەن ھېس قىلدى، ئۇ توقۇغان ھەر خىل «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» باش تېمىسىدىكى ئاسما گىلەملەرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى تىلغا ئالدى. بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى بېيىش باشلامچىسى ئابدۇرېشىت.

  ئابدۇرېشىت بىڭتۇەن 14- شى 225- تۇەندە 500 مو يەرنى ھۆددە ئالغان بولۇپ، 225- تۇەندىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭغا چىلان ئۆستۈرۈشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. چىلان تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى 300 - 200 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇ بېيىغاندىن كېيىن، يەر ھۆددە ئالغان باشقا ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇمىدى.

  ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىنىڭ يەسلىسى 2017- يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىلگەن، يەسلى باشلىقى جيا خۈي مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئۇ: ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشىپ كەتتىم، دائىم چوڭقۇر تەسىرلىنىپ تۇرىمەن، دېدى. نۇرغۇن ئاتا - ئانا ئۇلارنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، يەنە ئۆزلىرى تېرىغان قوغۇن - تاۋۇزلىرىنى، ئەتكەن پولۇلىرىنى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردى.

  بۇلتۇر يىل بېشىدا، توختىخاننىڭ كىچىك ئوغلى ئىمىنجان ئەيسا شەنبە بازار بازىرى ئارىش كەنتىگە يۆتكىلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئىمىنجان دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەكلىكىنى سۆزلىدى.

  ئىمىنجاننىڭ قىزى رەيھانگۈل ئىمىنجان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، رەيھانگۈل پۈتۈن مەكتەپ بويىچە دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۆزى يازغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇدى. ئىمىنجان دائىم ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى مىسالغا ئېلىپ تەشۋىق قىلىپ، يۇرتداشلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ياخشى بولغان مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا تەربىيەلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر