باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايمىز، دېدى

2019.03.27 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەش ئەزاسى 26- مارت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بەش دۆلەتنىڭ گولان ئېگىزلىكى توغرىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، بەش دۆلەتنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بېلگىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارك پېكىستىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، پولشا ۋە بېلگىيەگە ۋاكالىتەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بۇ باياناتنى ئوقۇدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بەش دۆلەتنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى مەيدانى كۆپچىلىككە ئايان، بۇ مەيداندا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا ئاساسەن، بولۇپمۇ 242-نومۇرلۇق ۋە 497-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، بەش دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئىگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىسرائىلىيە تەرەپ 1967- يىلى 6-ئايدىن بۇيان بېسىۋالغان زېمىنلارغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بەش دۆلەت ئىشغال قىلىۋېلىنغان بۇ زېمىننى ئىسرائىلىيە زېمىنى دەپ قارىمايدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: زورلۇق ئىشلىتىپ زېمىننى يۇتۇۋېلىشقا خەلقئارا قانۇن يول قويمايدۇ، چېگرا ئۆزگەرتىلدى دەپ بىر تەرەپلىمە جاكارلانغان ھەرقانداق ھەرىكەت «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە خىلاپ بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. قانۇنسىز يۇتۇۋېلىنغان زېمىننى ئېتىراپ قىلىش چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى، رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بەش دۆلەت بۇنىڭغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  گولان ئېگىزلىكى سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر پارچە تار بەلباغ. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاينى ئىشغال قىلىپ، تىزگىنلەپ ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سۇرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ رايوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1981-يىلى ماقۇللىغان 497-نومۇرلۇق قاراردا ئېنىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز قانۇنى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ئاپپاراتىنى گولان ئىگىزلىكىگە تېڭىش قارارى «پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز، خەلقئارا قانۇن كۈچى»گە ئىگە بولمايدۇ، دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر