باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تۆت كومىتېت، مىنىستىرلىق ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا مالىيە تولۇقلىما بېرىش يېڭى سىياسىتىنىڭ ساھەلەرگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

2019.03.27 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىشتە مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ساپ توكلۇق ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ داۋاملىق ھەيدەش مۇساپىسى ئۆلچىمى تەلىپى»نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئائىلە ئاپتوموبىلى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ناچارلىرىنى شاللاپ، ياخشىسىنى تاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ چوڭ داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم».

  2018-يىلى، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 1 مىليون 270 مىڭ ۋە 1 مىليون 256 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 كۆپەيدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەۋاتقان ئاپتوموبىل ئىستېمالى چوڭ مۇھىتى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىدا داۋاملىق ئۆسۈش بولدى. ئۇنداقتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش يېڭى سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ساھەگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

  يېڭى ئېنېرگىيە جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى يېتەكلەپ، يېڭى بۆسۈش ئېلىپ كەلدى

  دۇنياغا نەزەر تاشلىساق، ئۇدا نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى سىياسىتى ۋە كەسىپلەر يىرىك پىلانى، يانداش سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا جۇڭگو ياخشى پۇرسەتنى ئىگىلىدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيادا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  «كېيىنكى تولۇقلىما دەۋرى»دە خىرىسقا يوشۇرۇنغان پۇرسەت

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى كۆلىمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش يېڭى سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇ ساھەدە بۇرۇنلا مۆلچەرلەنگەن ئىدى. تەھلىلدە مۇنداق قارالدى: تولۇقلىما پۇلىنى چېكىندۈرۈش مۇۋاپىق، لېكىن كەسىپكە مەلۇم دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوموبىل، باتارېيە، ماتېرىيال قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورتاق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تولۇقلىما پۇلى چېكىندۈرۈشنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر. تولۇقلىمىنى چېكىندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسىلەن، پەرقلىق قاتناش باشقۇرۇش، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نىمكەش ئاپتوموبىل قاتارلىقلاردا ئىشلىتىشتىكى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ھەمدە «كېيىنكى تولۇقلىما دەۋرى»نىڭ يۆلەش سىياسىتى، سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۇزارتىش، قوش ئىنتېگرال قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپكە ئېنىق كۆزلەنمە نىشان بېرىش كېرەك.

  ئەلۋەتتە شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تولۇقلىما بېرىشنى چېكىندۈرۈشى، غەيرىي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلىدىغان شەھەرلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى، ئەلا سۈپەتلىك ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى سىياسەتنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا بولغان تۈرتكە تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى «ئىستېمالنى قوزغىتىش»قا ئايلاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر