تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ): 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى، ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قار- مۇزلار ئېرىدى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مۇزارت دەرياسىنىڭ مۇزلىرى ئېرىپ، سۈپسۈزۈك سۇلار ئاقتى. مۇزارت دەرياسى تىيانشان مۇزارت مۇزلۇقىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، تىيانشاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇزلۇق رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەر يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا، مۇزارت دەرياسىنىڭ ھەر قايسى تارماق ئېقىنلىرىدىكى مۇزلار ئارقا- ئارقىدىن ئېرىپ، پارچە- پارچە مۇزلار دەريا سۈيى بىلەن بىللە ئاقىدۇ، ياكى ئاستا-ئاستا ئېرىيدۇ، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى جىلغىنى بويلاپ ئېقىپ، تېكەس دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.