باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك

2019.03.27 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 26- چېسلا 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىش بەلگىلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش رايونى ياكى مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، قايتىدىن ئايرىپ تەڭشەشتە ئېھتىياتچان بولۇش ۋە پۇختا بولۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ھەر تۈرلۈك ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جايلار «مەكتەپ بۆلەكلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى مەنبەسى بويىچە يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى، مەكتەپلەرنىڭ تارقىلىشى، مەكتەپ كۆلىمى ۋە قاتناش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ھەر بىر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت رايونى دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان رايون ۋە ناھىيەلەر مەكتەپ رايونى دائىرىسىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، ھەر قايسى مەكتەپ رايونلىرى ئارىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ بايلىقى ئانچە تەكشى بولمىغان جايلاردا، كۆپ مەكتەپ بۆلەكلىرىنى پۇختا يولغا قويۇپ، ئىختىيارىي ئورۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەكتەپكە كىرىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇش ياكى نىشانلىق بىۋاسىتە ئۆرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ، كۈچلۈك-ئاجىزلىقنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە نىشانلىق ھالدا بىۋاسىتە ئۆرلەپ كەتكەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مائارىپ پۇرسىتىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. جايلار پۇقراۋى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەستىقلاش ئورنىغا كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن تاللاشقا بولمايدۇ، ئۇقۇغۇچى مەنبەسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىگە زەربە بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تىزىملاتقان ئادەم سانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ئېشىپ كەتكەن پۇقرا مەكتەپلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىختىيارىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر