3-ئاينىڭ 26-كۈنى، غەززە چېگراسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ تانكا برونە ماشىنىلىرى يىغىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىسرائىلىيە تېل ئاۋېۋنىڭ شىمالىدىكى بىر ئولتۇراق ئۆي غەززەدىن كەلگەن راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يەتتە ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە ئارقىدىن غەززە رايونىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى ھەمدە غەززە ئەتراپىغا ئەسكەر كۆپەيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى