باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش: كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تىزىملاش رەسمىيەتلىرى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تۈگەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2019.03.26 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭخۇا 25- چېسلا مۇشۇ ئارىلىقتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىزىملاش ۋاقتىنى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىشقا تىرىشىمىز.

  ۋاڭ گۇاڭخۇا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە 3014 زال، 40 مىڭدىن ئارتۇق كۆزنەك، 80 مىڭدىن ئارتۇق كۆزنەك خىزمەتچىسى ھەر كۈنى 400 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاممىنى تىزىملاش ۋە سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلۋاتىدۇ. ھازىر ئادەتتىكى تىزىملاش قانۇندا بەلگىلەنگەن 30 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە، رەنىگە قويۇپ تىزىملاش بولسا، يەتتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى. جايلار مەركەزنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ۋە تىجارەت، سودا مۇھىتى قاتارلىقلارنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. مەسىلەن، جېجياڭدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»، جياڭسۇدا «بىر كۆزنەكتىلا قوبۇل قىلىش» ۋە«توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت»،گۇاڭشى نەننىڭ ۋە فۇجيەن فۇجۇدا بولسا،«ئالاقە تورى + كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش» قاتارلىقلاردا ئۆي باشقۇرۇش ۋە باج ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «بىر كۆزنەكتىلا قوبۇل قىلىش، تەڭ بېجىرىش» ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكى ئىستىلى مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى تەشكىللەپ، ۋاقىتنى قىسقارتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن، بەزى رايونلاردا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇشتەك مەسىلە تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. بۇ جەھەتتە، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىكى بىلەن خېلى زور پەرق بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر