باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشۇيدىكى «21-مارت» خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 78گە يەتتى

2019.03.26 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- مارت چۈشتىن كېيىن، شياڭشۇي تيەنجيايى شىركىتىنىڭ «21- مارت» پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ۋەقەسىدىكى كېيىنكى ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى 4-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 78گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ساۋ لۇباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھادىسە نەق مەيدانىدىكى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ، نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتى باشلاندى. ئوت مۇداپىئە خادىملىرى ھادىسە ئەتراپىدىكى ئىككى كىۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى 20 كارخانىغا قارىتا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، يېڭىدىن 14 جەسەتنى بايقىدى.

  ساۋ لۇباۋ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە 78 ئادەم ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 56 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، 22 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانماقتا. ج خ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ئاجراتقان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، DNA تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، ئالدىنقى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان 28 خادىم ئىچىدە 25 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى، باشقا ئۈچ ئادەم تىنچ-ئامان بولۇپ، ئالاقە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر