باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا تەرەپنى تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز

2019.03.27 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈنكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

  1. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جېسىندا ئاردېرن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  2. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دامدىن سوگۇتباتۇر 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  سوئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قارىتىلغان سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بىگان تۈنۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن، سىزدىن سوراپ باقسام، بىگان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى كۇڭ شۇەنيو بىلەن كۆرۈشۈپ يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنى مەسلىھەتلەمدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ئۇچرىشىشنى قوللاپ كەلمەكتە. بەزى مۇھىم ئالاقىلەر توغرىسىدا، بىز ئادەتتە ۋاقتىدا خەۋەر ئېلان قىلىمىز.

  سوئال: بۈگۈن بىر قىسىم چاۋشيەن تەرەپنىڭ خادىملىرى كائىسوڭ چاۋشيەن-كورىيە ئالاقە ئىشخانىسىغا يەنە بىر قېتىم ماكانلاشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: بىز باشتىن-ئاخىر چاۋشيەن-كورىيە ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى قوللايمىز. بىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نۆۋەتتىكى يېرىم ئارالنىڭ پەسەيگەن ۋەزىيىتىنى ياخشى قوغداپ، داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، بىر-بىرىگە ماس يۈرۈپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سوئال: ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوت ۋە بىر ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تۈنۈگۈن تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە پۈتۈن مۇساپىلىك ئىگىلىدى، شۇنداقلا بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  سوئال : يېقىندا، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىدا، ئۆزىنىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدى، جۇڭگو ھىندىستان-پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا ياخشى مەقسىتىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى ساقلاپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىختىلاپنى ھەل قىلىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  سوئال: سىز بايا يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدىڭىز، ئۇنىڭ جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن قايسى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشقا بولامدۇ-يوق؟ ئىككى تەرەپ خۇاۋېي مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلامدۇ؟

  جاۋاب: ئاردېرن زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا بولغان زىيارىتى ئۇ يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت جەريانىدا، جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سوئال : بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، يېقىندىن بۇيان كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، كورىيەنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى ئەمەلىيەتتە بەزى يەرلىك ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان پار قازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كورىيەدە ھازىر 3 مىليون 600 مىڭ ئائىلە پار قازان ئىشلىتىدۇ، يەنە كېلىپ قىش پەسلى پار قازان ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، شۇڭا كورىيەدە تۇماننىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى ھەمىشە جۇڭگودىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. سىزدىن سوراپ باقاي، سىز بۇنداق خەۋەرلەرگە قانداق قارايسىز؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ تۇماننىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە قانداق ھەمكارلىق ئورناتتى؟

  جاۋاب: بىزمۇ خەۋەرنى كۆردۇق، كورىيەنىڭ ھاۋاغا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ئاقىلانە، ئوبيېكتىپ. جۇڭگونىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى كورىيەگە تەسىر كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكى توغرىسىدا، جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر ئاللىقاچان كەسپىي ۋە تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بەرگەن، بۇ توردا بار، مەن بۇ يەردە قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن.

  بايا سىز جۇڭگو بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى سورىدىڭىز. مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەلەيدىغىنىم شۇكى، جۇڭگو-كورىيە مۇھىت ھەمكارلىقى ئىزچىل ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى دۆلەت مۇھىت مىنىستىرلىقى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۈچەيتىش، جۇڭگو-كورىيە مۇھىت ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسى ئىمزالىدى. جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى بىلەن كورىيە دۆلەتلىك مۇھىت تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە «جۇڭگو-كورىيە ھاۋا سۈپىتى بىرلەشمە تەتقىقاتى خىزمەت گۇرۇپپىسى»نى قۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى تەھلىل، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  جۇڭگو ئۆزلۈك تەرەققىياتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزمۇ كورىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئاتموسفېرا ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تۇمان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، رايون ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە تۆھپە قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر