باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

«جان تىكىش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.03.27 17:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جان تىكىش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاغىلىق ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، كوناشەھەر ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىزلارنى ئارىلاپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، باغچە رايونلىرىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، جەزمەن سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قەرەلىدە تاماملاپ، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىق كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، مەسىلىنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماي، ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماي، كەمتەرلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئەمەلىي تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە، خەلققە، تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماي، بوشاڭلىق قىلماي، بىرلا غەيرەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، بىرمۇ نامرات ئاممىنى ھەرگىزمۇ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە يۆنىلىش ئېنىق، يول توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، زور تۈرتكىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازار ئىككىلىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامرات ئاممىنى زامانىۋى جەمئىيەتكە چوڭقۇر سىڭىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل ئەتىنى يارىتىدىغان قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: «قايتا قاراپ چىقىش»نى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا چۈشۈپ قالغانلىرىنى ئېنىقلاپ، كەم قالغانلىرىنى تولۇقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، «قىشلىق ھۇجۇم»نى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر