باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ساختىلىق قىلىش مەسىلىلىرى مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ

2019.03.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلىدى: بۈگۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىدە، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت كىنىشكىسى، مەمۇرىي ئىجازىتى بار-يوقلۇقى (ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەھۋالىنى ئېنىقلايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە ئائىلە مۇلازىمىتى ۋاسىتىچىلىكى مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساختا ئالىي مەكتەپ دىپلومى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قاتنىشىش، ئۇچۇر تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازار باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش ياكى مەشغۇلات قىلىش، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى ۋە باشقا گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش، ئەمگەكچىدىن قانۇنسىز ھالدا پۇل-مال تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، قىسمەن رايونلاردا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىدە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى كۆپىيىشكە باشلىدى، ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ساختا بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىدى، بەزىلەر ساختا ئالىي مەكتەپ دىپلومى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قاتناشتى ھەم ئۇنىڭدىن نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتى، ئايرىم رايونلاردا يەنە كەسپىي ئىشقا تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن شاخلىتىپ سېتىش سودىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دېلولىرى پەيدا بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر