باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى 211 كادىر مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى

2019.03.28 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2019- يىللىق غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. غەربىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن كەلگەن 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلاردىن مەركەز ئورۇنلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن 211 كادىر كۇرسقا قاتناشتى.

  ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار بۇ ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلىنىش كۇرسىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزاـكەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى مەخسۇس ئۆگەندى. تەربىيىلەش كۇرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانىلار قاتارلىق 82 ئورۇنغا بېرىپ،بىر يىل ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.

  مەركەزدىكى ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى كۇرسقا قاتنىشىپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلاردىن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ،«ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، غايە ـ ئېتىقادنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل تاۋلاشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئوبراز تىكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ خىزمەت 1990- يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا قاتناشقان كادىر 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 2019- يىلى 447 نەپەر كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى. مەركەزدىكى ئورۇنلارغا بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار بېيجىڭدا تەربىيىلىنىشكە قاتناشتى؛ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەر ئۇلارنى تەربىيىلەشكە تەشكىللەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر