خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-مارت فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. پارىژدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئەر-ئايالنىڭ ئەلىس سارىيىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەلىس سارىيىغا يېتىپ كەلدى، ماكرون ئەر-ئايال ماشىنا توختىغان ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھاپىزەتچى قىسىمى، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەلىرى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھەربىي كىيىملىرىنى كىيىپ رەتلىك تىزىلىپ تۇردى، ھەربىي ئوركېستىر شوخ مۇزىكىغا چالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ماكرون ئەر-ئايال بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ خوشلاشتى ھەم بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋە خانىمىنىڭ مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئۈچۈن ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. سىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىڭلار فىرانسىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، بىز يەنە جۇڭگو-فىرانسىيە-گېرمانىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدۇق. جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىيارەت نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى