خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، فىرانسىيە ستراسبۇرگدا، ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى دېۋا قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى دېۋانىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسەت ئالماشتۇرۇش كومىتېتى 26- چېسلا فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگدا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ياۋروپا پارلامېنتىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە بۇ تەشەببۇسنىڭ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىدار ھەمكارلىقلارنى ياۋروپا رايونىدا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى