باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2019.03.28 18:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېينىڭ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى رېۋىزىيەلىك تەكشۈردى، تەكشۈرۈش مەزگىلىدە مېڭ خوڭۋېينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇتلۇقى بايقىلىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، مېڭ خۇڭۋېيدا قىلچىمۇ پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ، تەشكىلىي قاراش يوق بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلمىغان، تەشكىل بىلەن قارشىلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان؛ ئىمتىياز ئىدىيەسى ئىنتايىن ئېغىر، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەن، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، تەلۋىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ پۇل-مېلىنى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئىسراپخورلۇق قىلغان؛ ئائىلە ئىستىلى ناچار بولۇپ، ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئايالىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەرگەن، ئايالىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا، مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىشىغا يول قويغان؛ ھوقۇق قارىشى بۇرمىلانغان بولۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنىنى تەڭشەش، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىغا ئېرىشتۈرگەن ھەم باشقىلارنىڭ زور سوممىلىق پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان.

  مېڭ خوڭۋېي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان ھەمدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئەيمىنىشنى بىلمەي، ھوشىنى تاپماي، قولىنى تارتماي، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە داغ تەگكۈزگەن، دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مېڭ خۇڭۋېيغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەنلىرى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دىلوغا چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر