بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باغچە رايونىدىكى بېزىلىۋاتقان خەلقئارا ساراي (26-مارت تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئايدىن كىيىن، 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى بېيجىڭ يەنچىڭدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. بۇ 1999-يىلى كۇنمىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى.
«باغۋەنچىلىكنى تەبىئىيەتكە سىڭدۈرۈپ، تەبىئەت بىلەن قەلبنى تەسىرلەندۈرۈش». سەددىچىن سېپىلى باغرىدىكى، ئامۇ دەرياسى بويلىرىدىكى بۇ «باغلارنىڭ بېغى»دا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، يېشىل ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇشقا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىرلىكتە بايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى