باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

«تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈش 31 ماددىلىق تەدبىرلىرى»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم

2019.03.28 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-مارت چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن بولۇپ، بۇ مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز «31 ماددىلىق تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ھەمدە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان يەنە قانداق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز، ئومۇمەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىلىمىز.

  ئەن فېڭشەن جايلار، تارماقلارنىڭ «31 ماددىلىق تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى» ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى مىساللارنى تونۇشتۇردى. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى جەھەتتە، فۇجيەن ئۆلكىسى پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى باشلامچىلىق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ 194 قېتىملىق ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنى بېجىردى، تارقىتىلغان قەرز پۇل سوممىسى 45 مىليون 660 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا يەتتى. يېقىندا، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تۇنجى قېتىم تەيۋەنلىك 16 سودىگەر قېرىنداشقا «پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت گۇۋاھنامىسى» تارقاتتى، كىنىشكىسى بار تەيۋەنلىك سودىگەر قېرىنداشلار شۇ يەردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا قەرز پۇل، كېپىللىك، كرېدىت بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ ھەمدە بەلگىلىك قولايلىق ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. مەدەنىيەتتە ھەمكارلىشىش ئالاقىسى جەھەتتە، ئىككى قىرغاق مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى — شەرق تۇرمۇش ئېستېتىكىسى كۆرگەزمىسى» سىئول جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى تەرىپىدىن تاللانغان بولۇپ، كورېيەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئىككى قىرغاق مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە سەنئەتكارلار جۇڭخۇا ھۈنەر-سەنئەت جەۋھەرلىرىنى بىرلىكتە نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتلىرىنى ئورتاق جارى قىلدۇرىدۇ. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار باھالاشقا قاتناشقان شەرەپ مۇكاپاتلىرى جەھەتتە، «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا فۇجيەن، شاڭخەي، گۇاڭشى، ئەنخۇي، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردا 10 نەچچە تەيۋەنلىك قېرىنداشقا «8-مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا خىزمەت قىلىدىغان تەيۋەنلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى شۇ جاينىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى قاتارلىق شەرەپ بويىچە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ھۆججەت رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھىرلىنىشىگە ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر