باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەل مەبلىغى بىلەن تەسىس قىلىنغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تۇنجى شىركىتى تەستىقلاندى

2019.03.28 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىلى، جۇڭگو بانكا كەسپى ۋە سۇغۇرتا كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى قەدەملەر تاشلاندى. 2018- يىلى چەت ئەل مەبلىغى بانكىلىرى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ قانۇنى ئىگە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش ئىلتىماسىدىن يەتتىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا يەنە بازار ئىجازىتى ئىلتىماسى ۋە تىجارەت رايونىنى كېڭەيتىش ئىلتىماسىدىن ئۈچنى تەستىقلىدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆەندىكىلەردىن ئىبارەت: جۇڭگو-ئەنگلىيە شېرىكچىلىكىدىكى خېڭئەن ئۆلچەملىك ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى چەت ئەل مەبلىغى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ خېڭئەن ئۆلچەملىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى؛ ئامېرىكا ئەندا گۇرۇھى تەرىپىدىن كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان خۇاتەي سۇغۇرتا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى؛ شياڭگاڭ يوۋباڭ سۇغۇرتا شىركىتى قاتناشقان بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايون ھالقىغان سۇغۇرتا تىجارىتىنى سىناق قىلىش نۇقتىسى.

  2019-يىلىدىن بۇيان، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يەنە سىنگاپور داخۇا بانكىسىنىڭ (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى بىر تارماق بانكا سۈپىتىدە جۇڭشەن شۆبە بانكىسىنى تەسىس قىلىشىدەك سەككىز تۈرلۈك چەت ئەل مەبلىغى بانكىلىرى ۋە سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك شۆبە ئاپپارات قۇرۇش ئىلتىماسلىرىنى تەستىقلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە چەت ئەل مەبلىغى بانكىسى ۋە سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى ياكى تىجارەت مەبلىغى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 10 مىليارد 872 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر