3-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى لاسادىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 28-مارت چۈشتىن بۇرۇن لاسادا ئۆتكۈزۈلدى. 10 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىلى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.
1959-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شىزاڭ خەلقىنى نەچچە يۈز يىل ئەزگەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئارمىيە، سوت ۋە تۈرمىلەرنى تارقىتىۋېتىپ، كونا شىزاڭنىڭ قانۇن كودىكىسىنى ھەمدە ئۇنىڭ ۋەھشىي جىنايى جازالىرىنى بىكار قىلدى، ئارقىدىن مىليونلىغان يانچىلارنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، شىزاڭ خەلقىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى