خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28- مارت چۈشتىن بۇرۇن خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2019- يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «خىرىسقا ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. بەش قىتئەدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سىياسىي ساھە ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئالىملىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 2000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مۇنبەر دىققەتنى ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئاسىيا ھەتتا دۇنيادىكى تەسىرى بار يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەت سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. بۇ يىلقى يىغىننىڭ باش تېمىسى بولسا، «ئورتاق تەقدىر، ئورتاق ھەرىكەت، ئورتاق تەرەققىيات»تىن ئىبارەت. مەن بۇ يىغىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. "دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمى"دېگەندەك بۇ ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالمايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر پۇرسەتنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشتىن ئىككى تەرەپلىمە ۋە كۆپ تەرەپلىمە پايدىغا ئېرىشىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك؛ ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى