3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي (ئالدىدا) پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 27-مارت ئاۋازغا قويۇپ، ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنىگە بېكىتىلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى رەسمىي جەزملەشتۈردى. نۆۋەتتە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى تېخى بېكىتىلمىدى.
شۇ كۈنى، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 441 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 105 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك نەتىجە بىلەن، ئەسلىدە بېكىتىلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» ۋاقتىنى قانۇندىن چىقىرىۋېتىشنى جەزملەشتۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئوتتۇرىغا قويغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نى كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسىغا قوشۇلغان ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى ئۈچۈن «ئىككىدىن بىرىنى تاللاش» ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. بىرىنچى لايىھەدە، ئەگەر ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى ماقۇللىسا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» مۇددىتىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، يەنى ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى لايىھەدە، ئەگەر ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى كېلىشىمنى ماقۇللىمىسا، ئەنگلىيە چوقۇم 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇرۇن قارار چىقىرىشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى