باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ 2-ئەۋلاد سانلىق مەلۇمات داۋاملاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

2019.04.01 18:32   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىزنىڭ 2-ئەۋلاد سانلىق مەلۇمات داۋاملاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

  سۈرەتتە: ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 301 قېتىملىق ئۇچۇشى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق B بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تيەنليەن 2-نومۇرلۇق 01 سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈلدى، سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىنىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. بۇ قېتىملىق ۋەزىپە ئۇزۇن سەپەر سىستېمىسىدىكى راكىتالارنىڭ 301-قېتىملىق ئۇچۇشى بولۇپ قالدى.

  تيەنليەن 2-نومۇرلۇق 01 سۈنئىي ھەمراھ بولسا دۆلىتىمىزنىڭ 2-ئەۋلاد سانلىق مەلۇمات داۋاملاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇسى، سۈنئىي ھەمراھ، توشۇغۇچى راكېتا ۋە غەيرىي ئالەم ئۇچقۇسى ئابونتلىرىنى سانلىق مەلۇمات داۋاملاشتۇرۇش، ئۆلچەپ كونتروللاش ۋە يوللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تيەنليەن 2-نومۇرلۇق داۋاملاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھى سىستېمىسى ۋەزىپە پىلانلاش، سىستېما باشقۇرۇش، كەسپىي يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە تيەنليەن 1-نومۇرلۇق داۋاملاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، سانلىق مەلۇمات يوللاش تېزلىك نىسبىتى ۋە كۆپ نىشانلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ، ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ ئۇچۇر قايتۇرۇش ئۈنۈمى، ئوربىتىدا يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇش جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي م…
    ·ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا
    ·نەزەربايېۋ قازاقىستان زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى 
    ·چېن باۋشېڭ: %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى 
    ·135 مىڭ ئىش ئورنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا مەخسۇس تەمىنلىنىشكە ساقلاپ …
    ·كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى مائارىپقا يۈكلەش كېرەك 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانل…
    ·بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ