باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسى: پارنىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

2019.03.29 21:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر شى شياۋجۈەن): 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى غولئېرىق كەنتىدە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئاچتى. پارنىكتا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە، تېخنىكلار كەنت ئاھالىسىنىڭ لازا، شوخلا، چەيزە قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنى تىكىشىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

  نەق مەيداندىكى كۆكتات پارنىكىغا ئىسسىقلىق ساقلاش يوپۇقى يېيىتىلغان ئىدى، تېخنىكلار ئورەك كولاش، سۇغىرىش، مايسا تىكىش، توپا تىندۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئۆستۈرۈش تەرتىپلىرى بويىچە كەنت ئاھالىسىگە ئۈلگە كۆرسەتتى ھەمدە تۈپ ئارىلىقى، چوڭقۇرلۇقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئارقىدىنلا كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، 30دىن ئارتۇق پارنىكقا كۆكتات مايسىسى تىكىپ بولدى.

  غولئېرىق كەنتىدىكى نامرات دېھقان مەمەت ئەخمەت مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پارنىكىمدا ئۆستۈرگەن كۆكتاتلار كىچىك، سۈپىتى ياخشى ئەمەس، ھوسۇلى ناچار ئىدى، بۈگۈن كەسپىي چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپ پايدىغا ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېىن ئىلمىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېخنىكلاردىن كۆپ مەسلىھەت سورايمەن، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمغا ئىشىنىمەن!»


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر