باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-مايدىن باشلاپ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئىدارىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى %20 تىن %16كە چۈشىدۇ

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى 800 مىليارد يۈەن يەڭگىللىتىلىدۇ

2019.04.02 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئىدارىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە، جايلار %16كە چۈشۈرسە بولىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندۇق، بولۇپمۇ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئىدارىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %16كە تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، بۇ سالماق بىر قەدەر چوڭ. بۇنىڭدىكى مەقسەت كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو مالىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈنۈم باشقۇرۇش تەتقىقات كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يىچۈن: «ئەسلىدىكى %20تىن %16كە چۈشۈرۈلۈپ، بىر قېتىمدىلا تۆت پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش يۈكى 800 مىليارد يۈەن يېنىكلەيدۇ» دېدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىڭۋېن تەھلىل قىلىپ، مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېلىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورناتقاندىن بۇيان تۆۋەنلەش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىقى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»تىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، ئىنتايىن زۆرۈر ھەم ئەھمىيىتى زور بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە تەتۈر قىستاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىدۇ.

  «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش - تاپشۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق، مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىكى ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى، لېكىن ئېلىش - تاپشۇرۇش قىيىن بولۇش، كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش خالىغانچە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سودا قانۇنى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ جۈنخەي مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلكىلەر ئارا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كىچىكلىتىپ، ئۆلكىلەر ئارا كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئۆلكىلەر ئارا مۇۋاپىق جايلىشىشى ۋە تەڭپۇڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كارخانىنىڭ رايون ھالقىپ مەبلەغ سېلىش، ئادەم ئىشلىتىش ۋە كەسىپنى كېڭەيتىشىدە كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر