باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش قويى بىلەن كاۋاپخانا ئاچقان يىگىت

2019.03.29 21:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ئالىيە ئالىم، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈزەلنۈر ھۈسيىن): قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى چىگەقۇدۇق كەنتىدىكى 32 ياشلىق ئەلى راخمان ئاچقان كاۋاپخانا ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، ئۇ ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلىك ئىدى.

  2017-يىلى 2-ئايدا، مارالبېشى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى چىگەقۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئەلىگە نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن 7 نى بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئەلى «بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئىرادىسىگە كەلدى. ئۇ كەنتتە تەشكىللەنگەن باقمىچىلىق بويىچە تەربىيەلەشكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، يەتتە نامراتلارنى يۆلەش قويىنى كۆڭۈل قويۇپ باقتى، كۆپەيتىش، سېتىش، يەنە قوي سېتىۋېلىپ بېقىشتەك جەريانلار ئارقىلىق، 1 يىلغا بارمايلا، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قويلارنىڭ سانى 30 غا يەتتى. شۇ يىلى كۈزدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەلىگە كاۋاپخانا ئېچىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرز مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئەلىنىڭ كاۋاپخانىسى ئېچىلدى. ھازىر كاۋاپخانىنىڭ كۈندىلىك ساپ كىرىمى 150 يۈەندىن 200 يۈەنگە يەتتى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما جۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتىكى 113 نامرات ئائىلىگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرزى بېجىرىپ بەردى، ھازىر 97 ئائىلىلىك، 121 ئادەمنىڭ بىر ئائىلىدە بىردىن كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر