باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە كالا بېقىپ بېيىش يولىغا ئاتلاندۇق

2019.03.29 21:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ بىرقانچە كۈندە ساۋەن ناھىيەسى شىگوبى بازىرى ئۇداۋگۇ كەنتىدىكى چارۋىچى تۇسۇپقان ناسىربېك ناھايىتى خۇشال ھالدا، كالىلىرىغا يەم-خەشەك بەرگەچ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، ئۇ قارىماققا شۇنچە جۇشقۇن ئىدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بۇ يىل يېڭىدىن 12 تۇياق موزاي قوشۇلغان بولۇپ، يەنە 12 تۇياق موزاي تۇغۇلۇش ئالدىدا ئىدى.

  چارۋىچىلىق كەنت-ئەترەتلىرىدىكى چارۋىچىلارنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ساۋەن ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلىق كەسپىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار مەكتىپى، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، چارۋىچى ئاممىغا ھايۋاناتلاردىكى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە چارۋىچىلار ئائىلىسىدىكى قوتانلارغا بېرىپ، ھايۋانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تېخنىكىسىغا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

  تۇسۇپقان ناسىربېك مۇنداق دېدى: چارۋا باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى سورت بولۇشى كېرەك، خىزمەت ئەترىتى مېنى ياخشى سورتلۇق ئەركەك چارۋا سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، 2018-يىلى 8-ئايدا خىزمەت ئەترىتى چۆچەك نەسىللىك مال فېرمىسىدىن مېنىڭ بىر نەسىللىك بۇقا سېتىۋېلىشىمغا ياردەم بەردى، بۇنىڭدا 8000 يۈەن مالىيە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇم. خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ يىل كۈزدە ئائىلىمىزدە 50 تۇياق كالا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 نەچچە كالىنى سېتىۋەتسەم، 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. يەنە 20 تۇياقتىن ئارتۇق ئىنەك بار، يىلدا يەنە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن كىرىم كىرىدۇ. تۇرمۇشىمىز يىلدىن-يىلغا ياخشى بولۇپ كەتتى.

  «ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى، بىز بارلىق ئاماللارنى ئويلاپ چارۋىچى ئاممىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىمىز، خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار، دۆلەت ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللايدۇ، بىز چارۋىچىلارنىڭ چارۋا باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئاكتىپچانلىقىنى پائال قوزغىتىپ، چارۋىچى ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قايراتبېك.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىگوبى بازىرى ئۇداۋگۇ كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىققا بولغان ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، 30 تۇياقتىن ئارتۇق كالا باققان ئائىلىدىن 60تىن ئارتۇقى، 40 تۇياقتىن ئارتۇق كالا باققان ئائىلىدىن 20 دىن ئارتۇقى، 50 تۇياقتىن ئارتۇق كالا باققان ئائىلىدىن 8 ى بار ئىكەن. (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ۋاڭ سۇيەن، شۆ جيەنشۇ تەمىنلىگەن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر