خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاپرېل خەلق سارىيىدا، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە يىقىندا يۈز بەرگەن ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم يېڭى زېلاندىيە تەرەپتىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى خانىم دۆلەت ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم قارالمىسى بولغان ئەھۋالدا مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلغانلىقى زۇڭلى خانىم ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ئەزەلدىن يېڭى زېلاندىيەنى سەمىمىي دوستى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل جۇڭگو بىلەن غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، كۆپ تۈردە «بىرىنچى»لىكنى ياراتتى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زىللاندىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى