تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار كاڭ بىن، جيا رۇڭشيا): 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ جۇجەنلۇ يېزىسى خۇاڭچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن شوۋيىڭ كەنت ئاھالىسى سەي جۇڭيۇڭنىڭ مايسا ئۆستۈرۈش پارنىكىغا كېلىپ، سەي جۇڭيۇڭ بىلەن بىللە مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە مايسا ئۆستۈرۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخنىكىلىق يېتەكلىدى.
سەي جۇڭيۇڭ خۇاڭچۈ كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، 10 نەچچە كۆكتات پارنىكى ياسىغانىدى، ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەنلىكتىن، ھەر يىلى كۆكتات تېرىشتىن ئالىدىغان نەپ ناھايىتى ئاز بولدى.
سۈن شوۋيىڭ بۇ يىل ئەتىيازدا ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق دېھقانچىلىق قىلىش ۋە زىرائەت ئۇرۇقىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سەي جۇڭيۇڭغا «ئەتىيازلىق بالدۇر پىشىدىغان» يېڭى كۆممىقوناق تېرىش تەكلىپىنى بەردى. بۇلارنىڭ ئويى بىر يەردىن چىقتى.
قىلىمىز دەپلا ئىش باشلاش، سۈن شوۋيىڭ سەي جۇڭيۇڭنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى، مايسا يېتىشتۈرۈشتىن باشلاپ، ئۇ سەي جۇڭيۇڭ ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلىنىپ، پات-پات سەي جۇڭيۇڭنىڭ پارنىكىغا كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سەي جۇڭيۇڭ يېتىشتۈرگەن 40 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق يېڭى كۆممىقوناق مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېتىشتۈرۈلگەن مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە بولىدۇ.