3-ئاينىڭ 26-كۈنى، نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە قاراپ چىققاندا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 26-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى پەسەيتىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرى، «يەرگە تىنچلىق ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپى ۋە «ئەرەبلەرنىڭ تىنچلىق تەشەببۇسى» قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى