باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

[نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش] گۈزەل تۇرمۇش كەشتىلەندى

2019.03.29 21:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گولىڭ): كەنتتىكى ئاياللار كەشتىچىلىك ماھارىتى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىپ، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ نەچچە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاياللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تېكەس ناھىيەسى قاراتوقاي بازىرى ئەشكىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، كەنتتىن 11 ئايالنى تاللاپ شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش كەشتىچىلىك كۇرسىغا ئەۋەتكەن ھەمدە بۇنى ئاساس قىلىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا «ئالتۇن قوي قول ھۈنەرۋەنچىلىك» دېھقانلار كەسىپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان. ھازىر كوپىراتىپتا 34 ئايال ئەزا بولۇپ، قولدا گىلەم توقۇش، كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى، كەشتە كۆڭلەك، گىلەم قاتارلىق ھەرخىل بۇيۇملارنى قولدا ئىشلەيدۇ.

  چارۋىچى تابۇسگۈل ئاۋۇلخان خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئايدا 1500 يۈەن مۇئاش ئېلىۋاتىمەن، بۇنىڭغا بەزىدە مۇكاپات قوشۇلسا ئايدا 2000يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر