باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق «جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.04.02 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق «جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ساموئا پايتەختى ئاپىيەدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى دوستلار، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئۆزئارا بىلىشىدىغان، ئۆز كۆرىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، دۆلەتلەر ئارا چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي بىردەك باراۋەر بولۇشنىڭ ئۈلگىسىدۇر. 2018- يىلى 11-ئايدا، مەن ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدە كوللېكتىپ ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئارال دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىللىق «جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى»نى ئۆتكۈزۈش مەن ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر باشلىقلىرى پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدىكى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر