باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.04.01 18:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-مارت ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى ئەسسەبسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ تۇنىس شەھىرىدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتقانلىقىغا مەن تولىمۇ قايىل.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بۇلتۇر 7-ئايدا، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىسى. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتىگىيەلىك ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەرىكەت خىتابنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر